باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىرادىنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئايلىنىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.10.25 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ۋە چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى نېگىزلىق سانلار ئاساسىدا ئېشىشىدىكى سۈرئىتى داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىدا تۇردى. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 11 مىليون 70مىڭغا يەتتى. توك ئىشلىتىش مىقدارى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىي مىقدار كۆرسەتكۈچى ئاشتى، ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيدى. يېڭى تېخنىكىلار، يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىلەر دېگەندەك يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇتۇلۇپ، كۈنىگە يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ سانى 18 مىڭدىن ئاشتى. ئىچكى-تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان چوڭ ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم كۆپىيىش ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىدەك تەرەققىياتلار ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قۇرۇلمىلار داۋاملىق ئەلالاشتى. بىز يەنە داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملالايمىز، ھەمدە كېلەر يىللىق تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس سالالايمىز. ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە، تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار كۆپەيمەكتە، تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىيىن بولىۋاتىدۇ، بازارنى مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ خېلى زور سوزۇلۇشچانلىققا ۋە ئىمكانىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنىڭ خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن ماكرولۇق تەڭشەش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا مۇھىتىنى كۈچەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئېچىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر