- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيەنى ئىدلىب ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايوندىكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا ئۈندىدى
2018.10.24 10:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېكدات 10-ئاينىڭ 22-كۈنى: تۈركىيە بۇندىن بۇرۇن ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايون كېلىشىمى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، «سۇرىيەنىڭ سەۋر تاقىتى چەكلىك» دېدى.
مېكدات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاھالىلەرنىڭ ئورنىنى كېڭىشىش، دۆلەتنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش سۇرىيەگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەيلى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب رايونى بولسۇن ياكى مۇغرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار بولسۇن سۇرىيە «قالغان ئازاد قىلىنمىغان رايونلار»نى قايتۇرۇۋالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر