باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر 6451گە يەتتى

2018.10.24 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018-يىلى 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر 6451 قېتىم بولۇپ، 8873 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 6335 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  9-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 6451 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش 1508 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش- ئېلىش 1225 قېتىم كۆرۈلگەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسى 954 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 834 قېتىم، ئۆلچەمدىن ئارتۇق مېھمان كۈتۈۋېلىش ياكى قۇبۇل قىلىش، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ياكى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى بەرگەن زىياپەتنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر 648 قېتىم، توي- تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش 601 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش 383 قېتىم، ھەشەمەتلىك ئىمارەت مەسىلىسى 285 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش 13 قېتىم كۆرۈلگەن. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 41 كىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 626 كىشى، يېزا- بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر 5668 كىشى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر