باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە دېڭىز-ئوكيان سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى

2018.10.30 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- ئۆكتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە دېڭىز-ئوكيان سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى جۇڭگو ـ فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. جۇڭگو-فىرانسىيە دېڭىز-ئوكيان سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى ئۆلچەش، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنى ئازايتىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، قويۇق ۋە سىجىل بولغان جۇڭگو ـ فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى، ھەمدە ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ماكرون تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە-جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىغا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تۈردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ئاپپاراتلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق، فىرانسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى فىرانسىيە-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، فرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر