10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە، كىشىلەر ئەرۋاھلار بايرىمى نامايىشىغا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 1- ۋە 2- كۈنى مېكسىكىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى — ئەرۋاھ بايرىمى بولۇپ، ئەرۋاھلار بايرىمى مېكسىكىدىكى ئەڭ داغدۇغىلىق، ئەڭ ئۆزگىچە بولغان بايراملارنىڭ بىرى. مېكسىكىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم ئازاپلىق ئىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇسسۇل ۋە رەڭگارەڭ مۇراسىم بىلەن ئەرۋاھلارنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى كۈتۈۋېلىش لازىم ئىكەن.
ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى مېكسىكىغا كەلگەندىن كېيىن، غەربنىڭ پەرىشتىلەر بايرىمى ئەنئەنىسىنى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئادىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەرۋاھ بايرىمىنى بەرپا قىلغان. 2003- يىلى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى مېكسىكىنىڭ ئەرۋاھلار بايرىمىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەر قېتىم ئەرۋاھلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مېكسىكا ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەملىك نامايىش، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى