10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكىغا قاراشلىق شىمالىي مارىئانا تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى سايپان ئارىلىدا، بىرقانچە جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئاروپىلانغا چىقىش ئالدىدا، دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سايپاننىڭ شۇ جاي ۋاقتى 28- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو سىچۇەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 8647U3 نومۇرلۇق ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانى سايپان خەلقئارا ئايرودرومىغا قونۇپ، سايپان ئارىلى «ئاي توشقىنى» ناملىق ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، سايپانغا قونغان تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ قالدى، شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ھالدا ۋەتەنگە قايتىشنى باشلىدى. پىلان بويىچە، شۇ كۈنى تۆت ئايروپىلان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ، بېيجىڭ ۋاقتى 28-چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى