10- ئاينىڭ 27- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىجياجۇاڭ شەھىرى لۇچۈەن رايونىدىكى كىچىك بازاردا ساياھەت قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدە ساياھەت ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ۋە دەم ئېلىش يېتەكچى قىلىنغان خاس كىچىك بازار قۇرۇلدى. تارىخىي يادىكارلىقلار، ئىنقىلابىي خارابىلىكلەر ۋە مەدەنىيەت ھېكايىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا تايىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش نەتىجىسىدە، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گۈزەل بولغان مەدەنىيەت ساياھەت كىچىك بازىرى بەرپا قىلىندى. ساياھەتچىلىككە تايانغان بۇ كىچىك بازارنىڭ ئىقتىسادى ئۆز نۆۋىتىدە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، نەتىجىدە شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشىنى ياخشى بىر يول بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى