باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجۇ رايونىدا ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى

نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇۋاتىدۇ

2018.10.29 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىزنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە : 10- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 10دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەنجۇ رايونى چاڭجياڭ دەرياسى 2-كۆۋرۈكىدە بىر ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئادەم ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن يەرلىككە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم قىلدى. نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابى قۇرۇلدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى. 20 نەچچە قۇتقۇزۇش كېمىسى ۋەقە يۈز بەرگەن سۇ يۈزىگە يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە سۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا تەدبىرلىرى ئارقىلىق، سۇ ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوموبىل ئورنىنى بېكىتتى. سۈزۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا، ھەمدە باشقا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلمەكتە. نەق مەيداندا، قازا قىلغان ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ چىقتى. نۆۋەتتە سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

  تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلىش ۋە يول بويىدىكى نازارەت قىلىش ۋىدېئولىرىدكى سىن ماتېرياللىرىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاساسەن، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئىچىدە ئون نەچچە كىشى بارلىقى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. نۆۋەتتە، ھادىسە سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر