شىنجاڭنىڭ قەشقەر كونا شەھىرىدىكى قول ھۈنەرۋەنچى (4- ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەرىتىسىدە، شىنجاڭ قەشقەر غەربىي رايوننىڭ چېتىگە جايلاشقان؛ لېكىن دۇنيا خەرىتىسىدە، قەشقەر دەل ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان. بۇ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن سەۋەبلىك، قەشقەر 2100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تەرەققىيات ئارقىلىق، پەيدىنپەي قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا بازىرىغا ئايلىنىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ، شانلىق تارىخنى يېزىپ چىقتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2010-يىلى قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، قەشقەر ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «قۇرۇقلۇقتا ئېچىۋېتىش» بىلەن «دېڭىزدا ئېچىۋېتىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى