باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاخبارات تەھلىلى: ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قۇرۇشتا نېمىنى كۆزلەيدۇ؟

2018.10.29 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنس ئالدىنقى كۈنى يەنە بىر قېتىم «ئالەم ئارمىيەسى» پىلانىنى تەرغىب قىلدى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ 6 ئارمىيە تۈرىنى، يەنى ئالەم ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئالەم ئارمىيەسىنى تەتقىق قىلىپ قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئالەم ئارمىيەسىنى قۇرۇشقا قارىتا كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈردى، قۇرۇش پىلانى تەدرىجىي ئېلان قىلىندى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، چوڭ دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ، بەلكىم بىر نۆۋەتلىك ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  پېنس مۇنداق دېدى: «زۇڭتۇڭ ترامپ كىشىلەر بۇرۇنلا چۈشەنگەن بىر پاكىتنى كۈچلۈك ھالدا شەرھلەپ بەردى، يەنى: ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ئىشلاردا چوقۇم تالىشىدىغان جاي، خۇددى ھاۋا بوشلۇقى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشاش، ئامېرىكا ئۇ يەردە خۇددى يەر شارىدىكىگە ئوخشاش يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.»

  كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئالەم بوشلۇقىدا يېتەكچىلىك ئورۇن ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈك تالىشىش — ئامېرىكىنىڭ «ئالەم ئارمىيەسى» قۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسىدۇر.

  بۇ يىل 8-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 15 بەتلىك دوكلاتتا، ئالەم ئارمىيەسى توغرىسىدىكى قىسقىچە تەسەۋۋۇر تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ۋىلسون 9-ئايدا ئېلان قىلغان «ئالەم ئارمىيەسى» قۇرۇش پىلانىغا ئاساسلانغاندا، «ئالەم ئارمىيەسى»گە 13 مىڭ ئادەم سەپلىنىدىكەن، باش ئىشتابتىكى 2400 مەمۇرى خادىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم سۈنئىي ھەمراھ باشقۇرۇش، تەھدىتنى تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن ياكى باشقا ئورۇنغا ئەۋەتىلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

  ۋىلسوننىڭ دېيىشىچە «ئالەم ئارمىيەسى» قۇرۇشنىڭ تۇنجى يىللىق خامچوتى تەخمىنەن 3 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى بەش يىللىق جەمئىي خام چوتنى قوشقاندا تەخمىنەن 12 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر