باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە، مەملىكەتلىك پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

2018.10.26 10:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل تارقىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە، مەملىكەتلىك پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلمىي بولغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە دائىملىق بولمىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە بىرتۇتاش پىلانلاپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەك، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا، ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىشتا، خەلقئارا ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلمىي بولغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسەت بەلگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك. قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا ماھىر بولۇش، ‹‹ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش، قانۇن – تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن – نىزاملارنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىجازەت بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، سىياسەتلەرنى توپلاش، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش، پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 5 – قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشاننى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوقۇم غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىش كېرەك، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە يارىتىلدى. بىز ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلەپ، بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئالىدىغان قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. داۋاملىق دەل جايىدا كۈچەش كېرەك، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش، ‹‹ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش››نى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. تىپلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تىپلارنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، نامرات ئاممىنى ئىدىيە – قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە، ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىنى يېڭىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)لىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، تىرىشىپ پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسقا ماسلىشىپ، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش›› سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىسلاھاتى مۇنبىرى، تەيخۇ دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى، دۆلىتىمىزدە ياسالغان چوڭ تىپتىكى سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئۇچىدىغان ئايروپىلان AG600نىڭ سۇدا تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ھەم ‹‹10مىڭ كارخانا 10مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش›› ھەرىكىتىدە تەقدىرلەنگەن پۇقراۋى كارخانىچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ھەر خىل ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى ياخشى ئىشلىتىش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇش، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش، زورايتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەننىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەننىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، جى جېڭ، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر