باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ‹‹پارنىك ئۆي›› مەسىلىسىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش، تۈزەش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئاچتى

2018.10.26 10:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ئاپتونوم رايون ‹‹پارنىك ئۆي›› مەسىلىسىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش، تۈزەش ھەرىكىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹پارنىك ئۆي›› مەسىلىسى بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق مەخسۇس رەتكە سېلىش، تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹پارنىك ئۆي›› مەسىلىسىنى رەتكە سېلىش، تۈزەش ـــ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىگە مۇناسىۋەتلىك، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى قەتئىي رەتكە سېلىپ، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشتەك قالايمىقان ئەھۋالنى توسۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى چوقۇم يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۆزگەرتىش، مەسئۇلىيەتنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، ئۆز قەرەلىدە تاماملاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئىدىيەۋى تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ، يەنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، رەتكە سېلىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس رەتكە سېلىش، تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەككە چېقىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزەتكەنلىرىنى بىر – بىرلەپ ھېسابات دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈپ، ‹‹پارنىك ئۆي›› مەسىلىسىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىلبېك قامزا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر