باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ئېلان قىلىندى

«ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»لەردە يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندى

2018.10.25 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاشكارا خەۋەرگە قارىغاندا، 22-ئۆكتەبىرگىچە، بېيجىڭ، سەنشى، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق 18 ئۆلكە، شەھەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، جايلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەن. بايقىشىمچە، جايلار ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە، مەركەز بىلەن «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»لەردە بىردەكلىكنى ساقلىغاندىن باشقا يەنە، ئۆزگىچە «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»لەرنى قوللانغان.

  ئاپپارات تەسىس قىلىش: «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»تە يېڭىلىق يارىتىش

  جايلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى __ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ قېتىملىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت» جەھەتتە، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشتا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلىشى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ. مەسىلەن، خەينەن ئۆلكىسى بۇ قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتىدا تەسىس قىلغان 55 پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىچىدىكى 43ى مەركىزىي پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگىنى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىغا ئۇيغۇنلاشقان؛ شەندۇڭ ئۆلكىسىمۇ گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىي تارماقلىرىنى تەڭشىشىگە ماسلىشىپ، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىي تارمىقىدىن سەككىزنى تەسىس قىلغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن ئۆلكىلەر «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»نى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۆزگىچە «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»لەرنى ئويلاپ چىقىپ، بەزى يېڭى ئاپپاراتلار بارلىققا كەلگەن.

  مەسىلەن، بۇ قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ھەربىي سانائەت چوڭ ئۆلكىسى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆلكىلىك پارتكوم ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسى تەسىس قىلغان.خەينەن ئۆلكىسى خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى قۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە فۇنكسىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆلكىلىك ساياھەت ۋە مەدەنىيەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تەنتەربىيە نازارىتى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئۆلكە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى قۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۆلكىلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۆلكىلىك پارتكوم ئەركىن سودا سىناق رايونى(ئەركىن سودا پورتى) خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى دېگەن ۋىۋىسكىنى ئاسقان.

  يەنە بەزى ئۆلكىلەر ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەتنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، «چوڭ سانلىق مەلۇمات»قا ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى يېڭىدىن تەسىس قىلغان. مەسىلەن، فۇجيەن ئۆلكىسى رەقەملىك فۇجيەن قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى(ئۆلكىلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش ئىدارىسى) تەسىس قىلغان؛ شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۆلكىلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، رەقەملىك ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا پائال ماسلىشىپ، «ئالاقە تورى + ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت»نى تېز ئىلگىرى سۈرگەن؛ چۇڭچىڭ شەھىرى شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەمەلىي تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇنكسىيەسىنى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي جامائەت ئۇچۇر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قوللىنىش، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى فۇنكسىيەسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر