باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسى پارنىك سۇغۇرتىسىنى يولغا قويدى

2018.10.25 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-ئۆكتەبىر شەندۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ئاپەت خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسى پارنىڭ سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان.

  ئىگىلىنىشچە، پارنىك ياساش تەننەرخى، كونىراش ئەھۋالى، لاپاستىكى زىرائەت سورتلىرى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، كۈن نۇرى پارنىكى سۇغۇرتىسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ھەر موسى 180 يۈەنلىك، 340 يۈەنلىك، 530 يۈەنلىك، 800 يۈەنلىككە ئوخشاش تۆت دەرىجە بويىچە تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھەر موسىغا 17 مىڭ يۈەن، 29 مىڭ يۈەن، 45 مىڭ 500 يۈەن، 58 مىڭ يۈەن بولغان. سۇغۇرتا سوممىسى تۈرلەرگە ئايرىلىپ تەسىس قىلىنغان، كونكرېت ھالدا تام پارنىك جازىسى، ئىسسىق ساقلاش يېپىنچىسى، پارنىك قەۋىتى، پارنىك ئىچىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پولات سىنجىلىك ئەگمە لاپاسنىڭ سۇغۇرتا پۇلىدا ئۈچ دەرىجە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھەر موسى 270 يۈەن، 360 يۈەن، 480 يۈەن، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھەر موسى 9000 يۈەن، 13 مىڭ 500 يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، سۇغۇرتا سوممىسى تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ تەسىس قىلىنغان، كونكرېت ھالدا پارنىك جازىسى، پارنىك قەۋىتى، پارنىك ئىچىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر