باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹كەشتە تىكىش›› ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2018.10.26 10:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹كەشتە تىكىش›› ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار يىغىنلارنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى كونكرېت خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى زېھنى، مېھرى ۋە كۈچى بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قەتئىي ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى قەتئىي توختاتماسلىقى كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى تونۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، نىشان – ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش جەھەتلەردە مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، كەمتەرلىك بىلەن ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئادەم، ئائىلە، كەنتلەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشىغا يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، سىجىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش، چوقۇم بېيىتىش كېرەك. نىشان – ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرى قويماي، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىپ قارىسىغا ئىشلىمەي، ھەم پاسسىپلىق قىلىپ ئاقساتماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹كەشتە تىكىش›› ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، زامانىۋى پەن – تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاپ، ‹‹ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش››نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹قان ئىشلەش›› جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، 1 – كەسىپتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، 2 – كەسىپتە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، 3 – كەسىپتە ئاساسلىقى سەھرا ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپ دەيدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى قەرەللىك مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچ ۋە بايلىقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەقىقىي مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر