باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش- تۈزەش ئەھۋالى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى

2018.10.26 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 25- ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- نۆۋەتلىك كۆزىتىش-تۈزەش ئەھۋالى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2018-يىلى 2-ئايدىن 5- ئايغىچە، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى خېبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، خېيلوڭجياڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، شەندوڭ، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭدوڭ، خەينەن، سىچۇەن، گۇيجۇ، نىڭشيا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، سابىق دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خۇادىيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ھەممىباب تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىق 30 جاي ۋە ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا قارىتا كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا چېتىلىدىغان شېنياڭ، داليەن، خاربىن، نەنجىن، شيامېن، جىنەن، چېڭداۋ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چېڭدۇدىن ئىبارەت ئون مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ پارتكومى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىردەك كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 26-كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالىنى مەركەزلىك ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر