باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

داۋاملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پائال ئىزدىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋر ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتىكى يېڭى يۇقىرى نۇقتا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى، خەن جېڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2018.10.25 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەركىن سودا سىناق رايونى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بەش يىلدىن بۇيان، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خىزمەتتە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەملىكەت مىقياسىدا كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەجرىبە ئېتىزىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چوڭقۇر خۇلاسىلاش، باھالاش ئاساسىدا داۋاملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پائال ئىزدىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋر ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى يۇقىرى نۇقتا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «ئىككى يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار يەرلىكلەر ۋە تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ «چوڭقۇر بولۇشى»دا پائال ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، كۆپ تەرەپلەردە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىستېما توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم. تېخىمۇ كەڭ دائىرە، ھەتتا مەملىكەت مىقياسىدا كۆپەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە باشلامچىلىق قىلىدىغان ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش لازىم.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 24-چېسلا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار ئورتاق تىرىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتەك بۇ يادرونى چىڭ تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلات-ئېچىۋېتىشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر