باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلار تەرەپ – تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلدى

2018.10.26 10:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى 10 – ئاي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توغراقلارنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى، بۇ مەزگىلدە، نەچچە مىليون مو توغراقلىق بوياپ قويغاندەك رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلىرى ئەۋزەل تەبىئىي ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن توغراق ۋاسىتە قىلىنغان چوڭ ساياھەت داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىپ، تەرەپ – تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، توغراقنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرلەردىن ئايرىلغۇسى كەلمەي قالدى.

  كۇچادا: قېيىققا ئولتۇرۇپ ئالتۇن توغراقلىقنى ساياھەت قىلىش

  ‹‹قېيىققا ئولتۇرۇپ ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلىقنى ساياھەت قىلدىم، مەيىن شامالنىڭ يېنىك يەلپۈشىدە، توغراق يوپۇرماقلىرى ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئالتۇن رەڭ كېپىنەكلەردەك ئاستا – ئاستا يەرگە قوناتتى، سۇ قۇشلىرى پات – پات سۇ يۈزىدىن ئۇچۇپ چىقاتتى، بىر تەرەپتە، توغراق بىلەن سۇ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، يەنە بىر تەرەپتە، توغراق بىلەن قۇملۇق بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىدى، بۇ قېتىمقى ساياھىتىمدىن بەك رازى بولدۇم››. 10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، جېجياڭدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى لو زىچىنىڭ قەلبى كۇچا ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە توغراقلىقىنىڭ گۈزەللىكىدىن لەرزىگە كەلگەنىدى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشتا يول سەل يىراق ۋە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق بۇ ساياھەت ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن.

  يېقىندا، كۇچا ناھىيەسىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەلىك توغراقلىقتىكى توغراق يوپۇرماقلىرىنىڭ تەدرىجىي سارغىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى بىر مەھەل ‹‹كۆچۈپ كەتكەن›› 60 نەچچە خىل قۇش ‹‹يۇرتىغا قايتىپ كەلدى››، قۇشلار سۈپ – سۈزۈك سۇ ئوراپ تۇرغان 1000 يىللىق توغراقلىق ئارىسىدا سەيلە قىلىشىپ، ئەركىن سايرىشاتتى. بۇ گۈزەل مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  مارالبېشىدا: 500 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى توغراقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى

  قەشقەرلىك ساياھەتچى جۇ جۈن مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مەنزىرە رايونىدا ‹‹يىپەك يولى ئۆتىڭى، توغراق يۇرتى، مەدەنىيەت ماكانى، مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى، توقۇمىچىلىق باغچىسى››نىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مارالبېشىغا كەلگەندىكى ھېسسىياتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا كەلگىنىمدىكىگە ئوخشىمىدى، يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى تولىمۇ ئىجادىي ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، پائالىيەت مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن مول ئىكەن، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە قانغۇدەك ئوينىدى، مەن مارالبېشى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ھېس قىلدىم، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىشىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي492 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ ناھىيەنىڭ ئاناركۆل مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 103 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن، شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىن 100گە يېقىن ساياھەت ئۆمىكى كۈتۈۋېلىنغان، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن كۈنىگە 4300 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان، ئاناركۆل مەنزىرە رايونىدىكى توغراقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردىن پەقەتلا ئايرىلغۇسى كەلمەي قالغان.

  لوپنۇردا: توغراقلىق مەنزىرىسى بىلەن قۇملۇق، كۆللەر گىرەلىشىپ، ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدىكى كەڭ كەتكەن ئالتۇن توغراقلىق بىپايان قۇملۇق، سۈزۈك كۆللەر بىلەن گىرەلىشىپ، شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  كۈيتۈندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ دۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىمالىي شىنجاڭدىكى شالاڭ ئۆسكەن توغراقلار كۆزىمىزگە سىڭىپ قالغانىدى، بۇ قېتىم لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، كۆز يەتكۈسىز توغراقلىقنى كۆرۈپ، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. ئالتۇن رەڭ توغراقلار گاھى قۇملۇقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، گاھى كۆل بويىدا سايە تاشلاپ تۇراتتى، 1000 يىللىق توغراقلارنىڭ ھەيۋىتى ۋە نازاكىتى بۇ يەردە بىر گەۋدىگە ئايلانغان بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىدى.

  سىچۈەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ سۈيفېن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى توغراق مەنزىرىسىنى دائىم تېلېۋىزوردىن كۆرەتتىم، بۇ قېتىم ئاخىر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئالتۇن رەڭ توغراقلار كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، پۈتكۈل كۆل ئالتۇن كەبى نۇر چېچىپ تۇرىدىكەن، بۇ مەنزىرە كىشىگە چەكسىز تەسەۋۋۇرلارنى ئاتا قىلىدىكەن، مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مەزمۇت توغراقنىڭ بۇنداق نازۇك تەرىپىنىڭمۇ بارلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

  كۈزدىكى لوپنۇر توغراقلاردىن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە تولغان بولۇپ، قۇملۇقتىكى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى رەڭدار تۈسكە كىرىپ، چەكسىز ئىللىقلىققا چۆمگەنىدى.

  (مۇخبىرىمىز ۋاڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ خوۋيۈن، ۋاڭ يىبىڭ، چاڭ شۆخۇي يازغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر