باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى توققۇز ئايدا مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا جەرىمانە- مۇسادىرە پۇلى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2018.10.29 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئالدىنقى توققۇز ئايدىكى مەملىكەت بويىچە مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا دېلولىرى بىلەن مۇھىت ئاسراش قانۇنى ۋە يۈرۈشلەشكەن چارىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: مەملىكەت بويىچە مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا دېلولىرىغا جەمئىي 129 مىڭ 804 پارچە جازا قارارنامىسى چۈشۈرۈلدى، جەرىمانە-مۇسادىرە پۇلى 10 مىليارد 631 مىليونگە يەتتى. گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خېبېى، شەندۇڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكىدە مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا بېرىش سالمىقى بىر قەدەر چوڭ بولدى.

  مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان بەش تۈرلۈك دېلونىڭ سانى 29 مىڭ 847 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈن ھېسابلاپ ئۇدا جازالانغان دېلولار 583 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.1 ئازلىدى، جەرىمانە سوممىسى 913 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئازايدى؛ تاقالغان، تۇتۇپ قېلىنغان دېلولار 16 مىڭ 19 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.1 ئاشتى؛ ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلغان، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان دېلولار 5322 بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئازايدى؛ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 5871 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئازايدى؛ مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلولار 2052 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى. يانداش چارىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دېلولار سانى نىسبەتەن كۆپرەك بولغانلىرى جياڭسۇ، گۇاڭدوڭ، ئەنخۇي، شەنشى، فۇجيەن، جېجياڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە بولۇپ فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، شەنشى، سەنشىدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىدە دېلو مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر