باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەدىكى بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللار كۆپ كىتاب ئوقۇسا، تاپقان لايىقىنىڭ كىرىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن

2018.10.26 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار كۆپ كىتاب ئوقۇسا، ئۇنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى كىرىمىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ كىرىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان لايىقلارنى تاپالىشىنىڭ پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» 25- چېسلا مالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئادەتتىكى ئايال ئىشچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قىزلارنىڭ جورىسىنىڭ ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرىچە كىرىمى 100 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 950 يۈەن خەلق پۇلى)كە يېتىدىكەن. تەكشۈرۈشتە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوغۇللار بىلەن توي قىلىش پۇرسىتى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.

  مەلۇماتلىق ئاياللارنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلار شۇنداقلا ئائىلە بايلىقىغا تۆھپە قوشىدۇ. ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېرىشەلمىگەن قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى %30 ئېشىپ كېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر