باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەككە تىجارەتچى جاڭ خۇامېي −

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ماڭا پۇرسەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلدى»

(ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، 40 «تۇنجى»لار)

2018.10.29 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ غەربىي خەلق يولىدىكى بىر ماگىزىن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ، ۋىۋىسكىغا «ۋېنجۇ شەھەرلىك خۇامېي كىيىم-كېچەك قوشۇمچە ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ خۇامېي __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تۇنجى يەككە سودا-سانائەتچىلەر تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرگۈچى.

  1980-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، 19 ياشلىق جاڭ خۇامېي ۋېنجۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن 10101 نومۇرلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى. بۇ كىنىشكە موي قەلەم بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، يەنە ئۇنىڭ رەسىمى قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى. بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تۇنجى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە شاھىت بولغان قىممەتلىك بەلگە بولۇپ قالدى.

  «ئۆيدە يەتتە بالا بار بولۇپ، ئاتا- ئانامنىڭ تاپقان پۇلىنى قوشقاندىمۇ بىزنىڭ چىقىمىمىزغا يەتمەيتتى. مەن بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم، خىزمەت تەقسىم قىلىشتا ماڭا ئەسلا نۆۋەت كەلمىدى، ئامالسىز بېرىپ سودا قىلدىم.»

  1979-يىلىنىڭ ئاخىرى، جاڭ خۇامېي ئىشىك ئالدىدا يايما يېيىپ تۈگمە، يىپ-يىڭنە، سائەت بېغى قاتارلىق ئۇششاق تاۋارلارنى سېتىشنى باشلىدى، «ئۇ چاغلاردا ۋېنجۇدا ھايانكەشلىككە زەربە بېرىش ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئۇلار كەلسىلا، بىز دەرھال نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ مۆكۈنەتتۇق، ھەركۈنى ئەنسىرەپلا يۈرەتتۇق. ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئابرۇيلۇقى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىلىرى بولۇپ، دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ تىجارەت قىلىدىغانلىقىمنى بىلىپ، ھەممىسى مەن ئۈچۈن ئۇيات ھېس قىلغان ئىدى. ھەتتا يولدا كېتىۋاتقاندا، بەزىلەر كەينىمدىن غەيۋەت قىلىپ: قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يايما يايىدۇ، راستلا يارىماس!»، دەيتتى.

  11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغان ۋېنجۇ شەھىرى بازار ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى. 1980-يىلى 12-ئاينىڭ 11- كۈنى، جاڭ خۇامېي ۋېنجۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى گۇلوۋ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىدىن تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى. جاڭ خۇامېي مۇنداق دېدى: قانۇنلۇق يەككە تىجارەتچى بولغاندىن كېيىن ئۇياق-بۇياققا مۆكۈنۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بىمالال مال سېتىپ، بارلىق ئاماللارنى قىلىپ سودىنى ياخشى قىلالايدىغان بولدۇم.

  كىيىم- كېچەك، مەرۋايىتلارنى ۋاكالىتەن سېتىپ باققان، سومكا، خۇرۇم ئاياغ سېتىپ باققان... جاڭ خۇامېي كۆپ قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، ئىلگىرى ۋېنجۇدىكى ئەڭ بۇرۇنقى بىر تۈركۈم «ئون مىڭ يۈەنلىكلەر» بولۇپ قالغان، يەنە مەغلۇپ بولۇپ زىيان تارتىپ قەرز بولۇپمۇ باققان. 1995-يىلى، جاڭ خۇامېي تۈگمىلەرنى توپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ «كونا كەسىپ»كە قايتقان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

  جاڭ خۇامېي ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئىزچىل يەككە تىجارەتچىلىك قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن سىياسەت بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، سودىسىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى چوڭايغانلىقتىن، 2007-يىلى شىركەت قۇرۇپ، باش مۇدىر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر