باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەت بىن سالمان 24-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مۇخبىر جامال كاشۇجىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەسىگە تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنى چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.10.26 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋەلىئەھدى مۇھەممەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن «كەلگۈسى مەبلەغچىلىك تەشەببۇسى» يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كاشۇجىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، بۇ ئىش بارلىق سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلدى.

  «سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە تۈركىيە بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا، قاتىل ئەدلىيە سوتىغا تارتىلىپ، ھەققانىيەت ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كاشۇجى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى پەيدا قىلغان غەزەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ»

  ۋەلىئەھدى مۇھەممەت بۇ يىل 33 ياشتا، ئۇ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، سىرتتىن مەبلەغ جەلب قىلىشتا كۆپ مەنبەلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقتىسادىنىڭ خام نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىغا بولغان تايىنىشىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان.

  بۇ، ۋەلىئەھدى مۇھەممەتنىڭ تۇنجى قېتىم كاشۇجىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەسىدە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشى، ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنى زىيارەت قىلغان خەۋىرىنى ئېلان قىلغان. زىيارەتتە، ترامپ ۋەلىئەھدى مۇھەممەتنى بەلكىم بۇ ئىشقا چېتىلىشى مۇمكىن، دەپ بىشارەت بەرگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بىر مەسلىھەتچىسى تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدىسىگە قاراتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر