باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 4-نۆۋەتلىك «ئەرەبلەر سەنئەت بايرىمى»نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.10.26 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-نۆۋەتلىك «ئەرەبلەر سەنئەت بايرىمى» 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە يېپىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، سەنئەت بايرىمىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تارىخى ئۇزۇن. تارىختا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى ئۆزئارا شانلىق جىلۋىلەنگەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەرەبلەر سەنئەت بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو-ئەرەب ئىككى تەرەپنىڭ ئەل رايىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەبلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشقان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئەرەبلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو-ئەرەبلەر تەقدىر ئورتاق بىر گەۋدىسىنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر