- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ 600 دىن ئارتۇق كارخانىسى پارىژ خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
2018.10.25 18:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پارىژ خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە پارىژنىڭ شىمالىي شەھەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىزدىن 600 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق يېمەكلىك كۆرگەزمىسىگە 119 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 7200 دىن ئارتۇق كارخانىسى قاتناشتى.
سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن قاتارلىق 10 نەچچە ئۆلكىدىكى دۆلىتىمىز كارخانىلىرى بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتناشتى. كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلاتلار مېۋە-چېۋە، ئاشلىق، ساقلىق ساقلاش مەھسۇلاتلىرى، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر، تېتىتقۇلار، سۈت مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك پىششىقلاش ماشىنىلىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
دۆلىتىمىزنىڭ مول ۋە تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى چەت ئەلدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇخبىر كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا جۇڭگو رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ھەم مەسلىھەتلىشىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر