- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى: 2018 ـ يىلى كىرگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 86 نەپەر مۇخبىر خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان
2018.10.26 15:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش ئىشتابى فىرانسىيەنىڭ پارىژغا جايلاشقان ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى 25- چېسلا ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: 2018 ـ يىلى كىرگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 86 نەپەر مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، 2016- يىلىدىن2017- يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلدا، پۈتۈن دۇنيادا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان مۇخبىرلارنىڭ سانى 182 كىشى ئىدى.
ئاخباراتتا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازولەي 11- ئاينىڭ 2- كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇخبىرلارغا قارىتىلغان جىنايەتلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلماقچى بولدى. ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان بۇ بىر پارچە دوكلاتتا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2006- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە جەمئىي 1000دىن ئارتۇق مۇخبىر خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، ئەمما 2017- يىلى قوراللىق توقۇنۇش بولمىغان دۆلەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىرلارنىڭ سانىدا تۇنجى قېتىم %55دىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئەمما مۇخبىرنى قەستلىگەن باش جىنايەتچىگە جازا بېرىش دېلو مىساللىرى ئاران ئوندا بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن.
ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئۆتكەن ئون يىلدا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايال مۇخبىرلارنىڭ سانى كۆپەيدى. 2017- يىلى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەنلەرنىڭ ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايال مۇخبىرلارنىڭ سانى 11 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ، 2006- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللىگەن. دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئايال مۇخبىرلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە جىنس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاغزاكى پاراكەندىچىلىك ۋە تور زوراۋانلىقى قاتارلىق تەھدىتلەرگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچراپ تۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر