باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شېنزو بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2018.10.26 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن بىللە، جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 40 يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرى يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسىنى تۈزۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك قارارنى چىقاردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم ئابىدە تىكلىدى. شۇ شەرتنامە بىر خىل قانۇن شەكلىدە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك چوڭ يۆنىلىشىنى بېكىتتى. ئۇنىڭدا، «جۇڭگو-ياپونىيە قوشما باياناتى»نىڭ تۈرلۈك پرىنسىپلىرىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ياپونىيە تەرەپ ئۇرۇش جاۋابكارلىقىنى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتا مۇھىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان تىنچلىق-دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئېنىق بەلگىلىدى. شۇ شەرتنامە ئىچىدىكى جۇڭگو-ياپونىيە ئارا تۆت سىياسىي ھۆججەت ئەينى چاغدا جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي قانۇنىغا ئۇل سالدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى. ئەمما، تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق يەنىلا باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئېقىم ھېسابلىنىدۇ. شۇ شەرتنامىنىڭ تۈزۈلۈشىگە 40 يىل بولغان بۇ پەيتتە، بىز تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇتۇپ، دەۋر ئېقىمىغا پائال ماسلىشىپ، ساغلام ۋە ئەمەلىي ھالدا ئالغا ئىنتىلىشتەك تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر