باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 8 ـ نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرىگە تەبرىكنامە ئەۋەتتى

2018.10.26 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرى 25- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىكنامە ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8- نۆۋەتلىك بۇ بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرى ئېچىلىش مەزگىلىدە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە مۇنبەرگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى تارماقلىرى، ئارمىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيادا، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش دېگەنلەر دەۋر ئېقىمى بولۇپ قالدى، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى بىر – بىرىگە باغلانغان، ھەم بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ ھالىتىنى ساقلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر