باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەندۇڭ لىنيى: يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق كونا رايوندا يېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز − 100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈش سەپىرى)

2018.10.29 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەيسۈن بولسا، بىر كەنت بولۇپ، ئۇ كەنت شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى لەنلىڭ ناھىيەسى بيەن جۇاڭ بازىرىغا جايلاشقان؛ دەيسۈن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كەنتكىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدۇ.بۇ جايدا، ياپ-يېشىل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان داچىلار، قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان دۇكانلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بىر مەنزىرىلەر بەلبېغىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن، ھەمدە مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قاتارلىقلارنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى تولۇق ئىكەن. كىم ئويلىسۇن، 19 يىل ئىلگىرى تېخى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان شۇ دەيسۈن بۈگۈنكى كۈندە كەنتنىڭ كوللېكتىپ مال-مۈلكى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، يىمېڭ خەلقى ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يىمېڭ خەلقى ئەينى يىللاردىكى ئىنقىلابىي روھى ۋە كۈرەش روھىنى يەنە ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئايلاندۇرۇپ، كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىنقىلابىي كونا رايوننىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى كۈتۈۋالدى.

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن يىمېڭنىڭ بىر پارچەتەرەققىيات تارىخى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يىمېڭ خەلقىنىڭ ئەۋلادتىن مۇئەۋلادقا داۋاملاشقان ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرغان جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخى ھېسابلىنىدۇ. لىنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈجۈن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ لىنيى تەرەققىياتىنىڭ يىلتىزى، ئەۋزەللىكى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىكلىكىدۇر.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بىر قىسىم جانلىق دېھقانلار شەھەرگە كىرىپ، كوچىلاردا ئۈستى ئوچۇق كىچىك يايما دۇكانلارنى يايغان. ھۆكۈمەت ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەپ، ئاۋۋال ئۇلارغا ياردەم قىلىپ كەپە قۇرۇپ بەرگەن، كېيىن يەنە سودىگەرلەرنى ئۆي ئىچىدە تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەپ، بىرىنچى ئەۋلاد لىنيى سودا شەھەرچىسىنى قۇرۇپ چىققان. قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت «بەش ئاۋۋال، بەش كېيىن»نى ئوتتۇرىغا قويغان—يەنى، ئاۋۋال بازار بەرپا قىلىپ ئاندىن مەيدان قۇرۇش، ئاۋۋال گۈللەندۈرۈپ ئاندىن قېلىپلاشتۇرۇش، ئاۋۋال ئۇنىۋېرسال بىرلەشتۈرۈپ ئاندىن ئايرىش، ئاۋۋال تارقاقلاشتۇرۇپ ئاندىن مەركەزلەشتۈرۈش، ئاۋۋال ئاددىي بولۇشئاندىن ئۆستۈرۈش دېگەندەك. تۈرلۈك بازارلار خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك باش كۆتۈرۈپ چىققان.

  شەندۇڭ لەنتيەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىلىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، 16 ئورۇندىكى بازارنىڭ يىللىق پۈتۈشۈش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، تاۋار تۈرلىرى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىدىن تارتىپ يىپ-يىڭنىگىچە، ھەممە نەرسە بار ئىدى. 2000- يىلدىن باشلاپ، لىنيىدە ئەنئەنىۋىي توپ سېتىش بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولغا قويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە، لىنيى سودا شەھەرچىسى 5- ئەۋلادقىچە تەرەققىي قىلىپ، كەسپىي توپ سېتىش بازىرىدىن 134ى بار بولدى، مەھسۇلاتلىرى 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغىچە سېتىلىدۇ، يىللىق سودا سوممىسى 455 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر