باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆپلىگەن ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى چىقتى

جايلارنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى بولسا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

2018.10.29 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، خۇبېي، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلانغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك جايلارنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنىڭ خەۋىرى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ھازىرغا قەدەر، قانچە ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلاندى؟ ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە يارقىن نۇقتىلىرى بار؟ مۇشۇنىڭغا قارىتا، ئاپتور ئۇلارنى رەتلەپ چىقتى ۋە زىيارەت ئېلىپ باردى.

  26 ئۆلكە دەرىجىلىك جاينىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلاندى

  2018- يىلى 3- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە»نى بېسىپ تارقاتتى، ئۆلكە دەرىجىلىك جايلارنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت دائىرىسىگە مۆھلەت بەردى، ھەمدە يول پىلانى چىقىرىپ بەردى. ئۇنىڭدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئۆلكە دەرىجىلىك جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى 2018- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىنىشى ۋە 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپپاراتلارنى تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىپ بولۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن جايلاردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات قىلىنىشىنىغا ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات لايىھەسى 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. بارلىق جايلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى 2019- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىشى لازىم.

  يېقىنقى مەزگىلدە، كۆپلىگەن ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى. 28- ئۆكتەبىر چۈشكىچە، ھېچ بولمىغاندا خەينەن، فۇجيەن، سەندوڭ، جاڭسۇ ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 26 ئۆلكە، رايون ۋە شەھەردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك جايلارنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھىسى مەركەزنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى.

  ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۆلكە، رايون ۋە شەھەردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك جايلارنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

  يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئۆلكە دەرىجىلىك جايلارنىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنىڭ ھازىرقى تەستىقلانغان لايىھەلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا، قايتا قۇرۇش خاراكتېرىگە ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكى، پۈتۈنلۈكلۈكى، سىستېمىلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىقلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.

  كۆپلىگەن ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەردە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى. دېمەك، بۇنداق ئاپپاراتلاردىن خەينەندە 55ى، گۇاڭشىدا 58ى، گۇاڭدۇڭدا 59ى، جىېجىاڭ، فۇجيەن، جاڭشى ۋە خۇبېي قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە 60ى، چۇڭچىڭدا 64ى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر