ساياھەتچىلەر جىنەن شەھىرىدىكى بوتۇچۈەن باغچىسىدا جۇخار گۈلىنى تاماشا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جىنەن شەھىرىنىڭ 39-نۆۋەتلىك بوتۇچۈەن كۈز پەسىللىك جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئالتۇن كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسىدە 800 خىلدىن ئاشىدىغان 100 مىڭ تەشتەكتىن ئارتۇق جۇخار گۈلى، ھەمدە 16 گۇرۇپپا جۇخار گۈلىدىن ياسالغان كىچىك گۈللۈك كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە 11-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو شۈلېي فوتوسى)