10-ئاينىڭ 29- كۈنى، ھىندونېزىيە جاكارتادا، بىر ھەربىي يولۇچىلار ئايروپىلانى قۇتقۇزۇش ئۇچۇر تاختىسى ئالدىدا تۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە شىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 189 كىشى ئولتۇرغان بىر دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى29- چېسلا پايتەخت جاكارتادىن ئۇچقاندىن كېيىن، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئىزدەپ تېپىپ قۇتقۇزۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەنىڭ ئىزدەپ تېپىپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا، لېكىن ئامان قالغۇچىلار تېخى بايقالمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى