باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشىدا سۇرىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش مۇراجىئەت قىلىندى

2018.10.29 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا سۇرىيە ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا: تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى سۇرىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىپ قانلىق توقۇنۇشنى ئازايتىشنى مۇراجىئەت قىلدى دېيىلدى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى سۇرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە «مول ئۈنۈملۈك» كېڭىشىپ، سۇرىيە دائىرىلىرىدىن ئاساسىي قانۇن كومىتېتى تەشكىللەشنى تېزدىن تاماملاشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن: سۇرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن تەشكىللىنىپ بولىدۇ دېدى.

  بۇ يىل 1-ئايدا رۇسىيەنىڭ سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۇرىيە مەملىكەتلىك سۆزلىشىش يىغىنىدا سۇرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ۋە خىزمەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش قارار قىلىنغان، بۇ سۇرىيە سىياسىي مۇساپىسىنىڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچىغا ئايلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر