باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى ساقلاپ قېلىش قارار لايىھەسى ئىنكار قىلىندى

2018.10.29 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك كومىتېتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى يىغىن ئېچىپ، رۇسىيەنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى مۇستەھكەملەش ۋە ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزمەسلىكنى ئاۋازغا قويۇلدى، نەتىجىدە 55 ئاۋاز قارشى تۇردى، 31 ئاۋاز قۇۋۋەتلىدى، 54 ئاۋاز ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

  رۇسىيە قارار لايىھەسىدە «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان تەرەپلەرنىڭ تىرىشىپ شەرتنامىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كونترول قىلىدىغان بۇ ھۆججەتنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلىندى. قارار لايىھەدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىكى مەجبۇرىيىتى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭىشىش، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە ئوچۇق ئاشكارا بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئىجابىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىش، شەرتنامىگە «قاتتىق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىش» مۇراجىئەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش مەقسىتىدىكى بەزى تولۇقلىما تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر