باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە جۇلالاندى

2018.10.30 15:56   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە جۇلالاندى

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن، كەشتىلەنگەن سومكىلار، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىدىن ياسالغان چىراغلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ، دوستلۇرۇمغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بىر قانچىنى سېتىۋالدىم.» 10- ئاينىڭ 28- كۈنى بېيجىڭ شەھەر ئاممىسىدىن تەن ۋېيلياڭ 13- نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقارقىلارنى ئېيتتى.

  شىنجاڭ «يافەندا» مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شيۇڭ گويوۋ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بېرى بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرۈش توغرىسىدا كۆپ ئويلىشىپ، ئۈزۈم قوۋزىقى قەغىزىدىن رەسىم جاھازىسى، خەتكۈچ، خاتىرە دەپتەر، ئۈستەل چىرىغى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردۇق، مەھسۇلاتلىرىمىز تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  13- نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسىي كۆرگەزمە مەيدانى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قېزىشتىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي مەھسۇلاتلىرى نامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن كۆرگەزمىچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى