سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، سۇرىيە دەمەشىقتە، ساياھەتچىلەر سۇرىيە دۆلەتلىك مۇزېيى ئىچىدە ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تاقىلىپ ئالتە يىلدىن كېيىن، سۇرىيە دۆلەتلىك مۇزېيى 28-ئۆكتەبىر قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. سۇرىيە دۆلەتلىك مۇزېي سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، 100 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقنىڭ تەسىرىدە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى دۆلەت مۇزېيىنى تاقىغان ھەمدە كۆپ قىسىم ساقلانمىلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەپ ساقلىغان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى