باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە خاشۇقچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2018.10.29 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزۈۋېلىش ھۆججىتىنى تەييارلاپ قويدۇق، جامال خاشۇقچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق سەئۇدى ئەرەبىستانلىق 18 كىشىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، دېدى.

  تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: خاشۇقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرىۋاتقان تۈركىيە ئىستانبۇل شەھەرلىك تەپتىش ئورگىنى ھۆججەت تەييارلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن خاشۇقچىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراش ۋەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈپ بەردى، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلخەمىت گۈل: تۈركىيەنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇنلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى بۇ ۋەقە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن، دېدى.

  بىراق، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ: سەئۇدى ئەرەبىستانى تۈركىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت كەسكىنلىشىشى مۇمكىن دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر