باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3000 دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كۆچمە چىقىمدانىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ

2018.10.30 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كۆچمە چىقىمدانى ئۈرۈمچىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 3000 دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بانكا بىرلەشمىسىنىڭ يان تېلېفوندا تېز تۆلەش، بانكا كارتىسىدا تېز تۆلەش ئارقىلىق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغىلى بولىدۇ. بۇمۇ ھەم بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كۆچمە چىقىمدانى خەلققە قولايلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ قاتناش ساھەسىنى قاپلىغان يەنە بىر مۇھىم بۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  شەھەر ئاھالىلىرىنى تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل سەپەرگە چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىش، كەڭ بانكا بىرلەشمىسى ئابونتلىرىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، شەھەر ئاھالىلىرى Apple pay، Huawei pay، Samsung pay ، Mi pay قاتارلىق بانكا بىرلەشمىسىنىڭ يان تېلېفوندا تېز تۆلەش ۋە بانكا IC كارتىسىدا تېز تۆلەش ئارقىلىق ئاپتوبۇشقا ئولتۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۆزگىچە بولغان بېلەت سېتىۋېلىش شەكلىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە ئاپتوبۇس كارتىسى سېتىۋېلىش، پۇل قاچىلاش، پارچە پۇل تېپىپ ئاپتوبۇسقا چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، يەنە شۇنداقلا 1 تىيىنغا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشتەك ئېتىبار پائالىيەتلەردىنمۇ بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر