- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئالاقە تورى بىلەن ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم بولدى
2018.10.31 08:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 29 - كۈنى بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىنتېرنېت ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى . مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە:بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ، ئېلىمىزدىكى كۆلەملەشكەن ئىنتېرنېت ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي كىرىمى 685 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.4 ئاشقان؛ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 3.5 پوئىنت تۆۋەنلەپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى ئاساس سان ئاساسىدا تېز سۈرئەتتە ئاشقان .
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم بولدى ، كەسپىي كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى ، تىجارەت پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولدى . ساھەلەر بويىچە قارىغاندا ، تور ئويۇنى، ئۈن - سىن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش قاتارلىقلاردا يانفوننىڭ ئىشلىتىلىشى تىز ئومۇملاشقان ، بازار كۆلىمى مۇقىم قەدەم بىلەن كېڭەيگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر