باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2018.10.30 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى خەن جىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قانۇنچىللىق خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم. پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم نۇقتىنى پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچ چىقىرىپ، قاتلىمى ئېنىق، فۇنكسىيەسى روشەن، تەرتىپلىك باشقۇرۇپ كونترول قىلىنىدىغان ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش پىلانى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش لازىم. مەۋقەنى مۇھىم نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم زور قۇرۇلۇشلارنى تۇتقا قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ پەن-تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خەن جىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى رايونلار ۋە تارماقلار، ئىدارىلەر " تۆت ئاڭ" ۋە " تۆت ئىشەنچ"نى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مىخلاش روھى بىلەن ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. يەرلىكلەرنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشىنى تېزدىن تاماملاپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، خادىملارنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق باشلامچىلىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ئىشخانىسى، شەنشى ئۆلكىسى، چىڭداۋ شەھىرى، چىڭخۇا داشۆسى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئىدارىلەرنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر