باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاھىدە باقمىچىلىق-شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولماقتا

2018.10.29 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئالاھىدە باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. نۆۋەتتە، ئالاھىدە باقمىچىلىق-شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىگە ئايلاندى.

  ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتەئارال بازىرى يەتتەئارال كەنتىدىكى چارۋىچى ئايقۇش قاقىن ۋە ئايالى جانار قاغىن 10-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردىلا تۆگە سۈتى سېغىشقا باشلىدى. جانار كۈلۈپ تۇرۇپ، بىر كۈندە 60 نەچچە كىلوگرام سۈت ساغىمىز، ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى سۈتنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئېيىغا تۆگە سۈتىدىنلا ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز دېدى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە، ئايقۇشقا ئوخشاش تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان چارۋىچىلار خېلى كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، تۆگىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە كەسپى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرىگە ئايلاندۇردى. 2016-يىلىدىن تارتىپ، ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى نامراتلارنى بىرمۇ-بىر دەل يۆلەشنى يولغا قويۇپ، 2018-يىلىغىچە، 800 نامرات دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىنى تۆگە باقمىچىلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 123 تۆگە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىمۇ 376 ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىلا ئالاھىدە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قالماستىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىمۇ ئېشەك باقمىچىلىقىدىن ئېشەك سۈتىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە «نامرات ئائىلىلەر قوشۇلغان كوپىراتىپ قوشۇلغان كارخانا»دىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئېشەك باقمىچىلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  يوپۇرغا ناھىيەسى يوپۇرغا يېزىسى مۇنجاغلىق كەنتىدىكى كېرەم ئابباس ئائىلىسى ئېشەك باقىدىغان چوڭ ئائىلە، ئۇ ئېشەك بېقىش بازىسىنى يېڭىدىن سېلىپ، ئېشەك باقمىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇدى ھەم شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئاتىگۈل ھامۇت پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، شۇڭا مەن چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن دېدى.

  يوپۇرغا ناھىيەسى 2020-يىلىغىچە پۈتۈن ناھىيەدىكى بېقىلىۋاتقان ئېشەكنىڭ سانىنى 30 مىڭغا يەتكۈزۈپ، ئېشەك باقىدىغان نامرات ئائىلىنى 500 دىن ئاشۇرۇپ، كوپىراتىپ ۋە كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق، بۇ نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى سايمەھەللە كەنتىدىكى قەيسەر نۇردۇن 10-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردىلا يۈز كىلوگرام بۆدۈنە تۇخۇمىنى شەھەردىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ئېلىپ ماڭدى. ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى بولمىغاچقا، قەيسەر نۇردۇن سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قەيسەر نۇردۇن ئۆز قورۇسىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق بۆدۈنە باقتى. ئۇ بىزنىڭ بۆدۈنىلىرىمىز ھەر كۈنى تۇغقان تۇخۇملار يۈز كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭدىن 400 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز دېدى.

  يېقىندا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، قەيسەر نۇردۇن يەنە چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق بۆدۈنە سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىلىرى بۆدۈنە بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھىرىدە بۆدۈنە، كەپتەر، يەرلىك توخۇ قاتارلىقلارنى باقىدىغان كۆلەملەشكەن باقمىچى ئائىلىسى 127 كە يېتىپ، 136 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر