- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجۇدىكى چاڭجياڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوبۇسنى سۈزۈش خىزمىتى باشلاندى
2018.10.31 08:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجۇدىكى چاڭجياڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوبۇسنى نەق مەيداندا سۈزۈش جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوبۇسنى سۈزۈش خىزمىتى باشلانغان. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 6دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە غەۋۋاسلار سۇغا چۈشۈش مەشغۇلاتىنى باشلىغان. سۇ ئاستىدىكى ئاپتوبۇسنىڭ ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلانغان، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەھۋالىغا ئاساسەن سۈزۈۋېلىش پىلانى يەنىمۇ تەڭشەلمەكتە ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە ئىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، لايىھەگە ئاساسەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى سۈزۈش، ئاپتوبۇسنى بىر پۈتۈن سۈزۈش خىزمىتى ئىشلىنىدىكەن. ھازىر، ئالاقىدار خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10دىن 8مىنۇت ئۆتكەندە، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەنجۇ رايوندىن يولغا چىققان بىر ئاپتوبۇس چاڭجياڭ دەرياسى 2 - كۆۋرۈكىگە كەلگەندە، بىر پىكاپ بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتتى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 15 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر