باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل رايى «يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش

2018-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.31 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاغ-دەريالار يىپەك يولىنى، تاراتقۇلار كۆڭۈللەرنى تۇتاشتۇردى. خەلق گېزىتخانىسى ۋە خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2018-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى 30-ئۆكتەبىر خەينەننىڭ بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش» بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو، خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى لى باۋشەن، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ سىگۈي قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 90 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 205 تاراتقۇ ۋە ئاپپاراتتىن كەلگەن 256 ئەزىز مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مۇنبەردە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەر بېرىلدى. كېلەر يىلى مۇنبەر «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بىلەن يانداش ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنبەر مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو(خەينەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك خەينەن ئارىلى خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر