باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پەلەستىنلىك ئۇچ ئۆسمۈرنى ئېتىپ تاشلىدى

2018.10.30 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن قىزىل ھىلالئاي جەمئىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ28-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى ئىسرائىلىيە چېگرا رايونىدا پەلەستىنلىك ئۈچ ئۆسمۈرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پەلەستىن داۋالاش قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندىن 12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئۈچ ئۆسمۈرنىڭ جەسىتىنى تاپتى، ھەمدە ئۇلارنى دەرھال خان يۇنىس دوختۇرخاناسىغا ئىلىپ باردى. نەق مەيداندىكىلەرنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە: ئۈچ بالا چېگرا ئايرىش رېشاتكىسىغا يېقىنلاشقاندا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن تەرەپتىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئوق چىقىرىپ داۋالاش قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يېقىنلىشىشنى توسقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر