- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن 3- قېتىملىق «1 + 6» يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ
2018.10.31 15:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 30- چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11- ئاينىڭ 6- كۈنى بېيجىڭدا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىميوڭ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگاردى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋىدو، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇرىيا، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى كانى ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن ئىش بېجىرگۈچىسى گرېنفيېلد قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، 3- قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر