10-ئاينىڭ 29- كۈنى، نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ (ئالدىنقى) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ 29- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەت داۋاملىق تۈردە سۈرىيە خەلقىنى مەبلەغلەر ۋە ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا يادەم قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ يېقىندا ئاممىنىڭ قىشنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئۇلارغا مۇناسىپ ماددىي ئەشيالارنى ئالاھىدە تەييارلاپ بېرىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى