باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

2018.10.31 16:45   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بېرىپ يىغىننى تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ھەيۋەتلىك خەلق سارىيى چوڭ زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقىسىدىكى پەردىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چاقناپ تۇراتتى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغان ئىدى. ئىككىنچى قەۋەت بالكونىغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەرساھە ئاياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماستىن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلايلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان يوغان پىلاكات ئېسىلغان ئىدى. جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى 1637 ۋەكىلى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 79 ۋەكىل مىليونلىغان ئاياللارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە يۈكلەپ يىغىنغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شېن يۆيۆ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

  جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە يېرىم دۇنيالىقنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. جاۋ لېجى ئالدى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى ۋە ئاياللار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى ئايال مۇھاجىرلارغا ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.

  جاۋ لېجى سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بارلىق ئاياللارنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئېلىمىز ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاشقا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئاياللارنىڭ روھىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ قەتئىي بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، قەيسەر، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار ۋە ئاياللار خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىلىرى خىزمىتىدە ئەمەل قىلىدىغان ئاساسقا ئىگە قىلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بارلىق ئاياللارنىڭ غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، يېڭى دەۋرنىڭ تۆھپىكارلىرى، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ، مەدەنىي، زامانىۋىلىقنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشنىڭ كۆرەشچىلىرىدىن بولۇپ، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى