باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ لىجى تەكشۈرۈلدى

2018.11.01 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ لاتارىيە تورى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى، ھازىرقى جۇڭگو بالىلار پاراۋانلىقى ۋە ئاسىراندى قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ لىجى لاتارىيە ساھەسىدە ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  فېڭ لىجىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  فېڭ لىجى، ئەر، خەنزۇ، 1959- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خۇۋلەنلىق، 1981- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1976- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 2006- يىلى 9- ئايدىن 2008- يىلى 9- ئايغىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ھەم لاتارىيە بازىرى 2- بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2008- يىلى 9- ئايدىن 2013- يىلى 11- ئايغىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 2010- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ لاتارىيە تورى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان؛ 2013- يىلى 11- ئايدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو بالىلار پاراۋانلىقى ۋە ئاسىراندى قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر