سۈرەتتە: چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجوۋدىكى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى سۈزۈش نەق مەيدانى (31- ئۆكتەبىر تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئۆكتەبىر سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، مۇخبىرنىڭ چۇڭچىڭ ۋەنجوۋدىكى دەريادىن سۈزۈش نەق مەيدانىدا كۆرۈشىچە، كېمە ئاسما كىرانى ئارقانىنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوبۇس سۇ ئۈستىگە سۈزۈپ چىقىرىلدى.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10دىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەنجوۋ رايونىدا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس چاڭجياڭ 2-كۆۋرۈكىگە كەلگەندە، بىر پىكاپ بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 15 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى