باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاۋانا خەلقئارا يەرمەنكىسىدە جۇڭگو سارىيى كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2018.11.01 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:36- نۆۋەتلىك ھاۋانا خەلقئارا يەرمەنكىسى 30- چېسلا جۇڭگو سارىيى كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 40 نەچچە جۇڭگو كارخانىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.بۇ، كۇبانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بولدى.

  كۇبا سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئېلوئى • ئالۋارېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو بولسا كۇبانىڭ 2- چوڭ سودا ھەمراھى، جۇڭگو سارىيى ئىزچىل ھالدا ھاۋانا خەلقئارا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كۆرگەزمە سارايلىرىنىڭ بىرى. گەرچە ھازىر كۇبانىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۇبا ھازىر سىرت بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ.

  ھاۋانا خەلقئارا يەرمەنكىسى 1983- يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ ھازىر كۇبانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا يەرمەنكىسى بولۇپ قالدى.ئۇ شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرگەزمىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ھاۋانا خەلقئارا يەرمەنكىسىدە جەمئىي 60 دۆلەتتىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپاراتلار ۋەكىللىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر