باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى پىلانلاپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى

2018.11.01 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە يۈزلىنىشى ھەققىدە 9-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سۈنئىي ئىقتىدار بولسا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى مۇھىم قوزغاتقۇچى كۈچ بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى تۇتۇش- تۇتالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى پىلانلاپ، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گاۋ ۋېن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار − بۇ نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى يېتەكلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا بولۇپ، يېتەكلەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك «سەركە» تاشما ئېففېكتىغا ئىگە. كۆچمە ئىنتېرنېت، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۇپېرلىق ھېسابلاش، سېزىم تورى، مېڭە ئىلمى قاتارلىق يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېز تەرەققىي قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش، ئادەم-ماشىنا ماسلىشىش، توپ ئەقىلنى ئېچىۋېتىش، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلقئارا سىياسىي- ئىقتىسادىي ۋەزىيەت قاتارلىق جەھەتلەرگە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتدارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش − بىزنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكا رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۇتقا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ھالقىما تەرەققىياتى، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر